باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە-ياپونىيە تىنچلىق شەرتنامىسىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدۇ

2019.01.17 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ئۈلۈشكۈن ياپونىيەنى ئامېرىكىنى يېنىغا تارتىپ رۇسىيە بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈش توغرىسىدىكى سۆھبەتكە قاتناشتۇرۇش نىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلدى.

  لاۋروف ئۈلۈشكۈن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى تاروكونو بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاش ئىشى ئۈستىدە كېڭەشتى، ئارقىدىن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنى سۆھبەتكە قاتناشقۇچى بىر تەرەپكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنىشى كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ، مەن تاروكونو بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا رۇسىيەنىڭ مەيدانىنى يەتكۈزدۈم.

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ دىپلوماتىيە ئالاھىدە ياردەمچىسى كاۋاي كيۇكى ئالدىنقى ھەپتە: ئامېرىكا رۇسىيە-ياپونىيە سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا قىزىقىدۇ، ئامېرىكىنىڭ قاتنىشىشىنىڭ «پايدىسى» بار دېدى.

  لاۋروف كاۋاي كيۇكىنىڭ بۇ سۆزىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ قاراپ، ياپونىيە « ئامېرىكىغا مۇشۇنداق تايىنىۋالغان» ئەھۋالدا، ياپونىيەنىڭ مۇستەقىل سۆزلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلىقى گۇمانلىق دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر