باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن مەملىكەتلىك مۇنازىرىنى رەسمىي باشلىدى

2019.01.17 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 15-كۈنى فرانسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېئۇرى ئۆلكىسىدە ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغان مەملىكەتلىك مۇنازىرىنى رەسمىي باشلىدى.

  فرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماكرون ئىئۇرى ئۆلكىسى ۋە نورماندى رايونىدىن كەلگەن نەچچە يۈز شەھەر باشلىقى بىلەن مەمۇرلار تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، باج كىرىمى ئىسلاھاتى، مالىيە چىقىمى قاتارلىق بىر قانچە قارالما ھەققىدە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا مەملىكەتلىك مۇنازىرىنى باشلاش ئۈچۈن، يەتتە سائەت مۇزاكىرىلەشكەن.

  فرانسىيە ھۆكۈمەت تور بېكىتى ماتىريالىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك مۇنازىرە 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، فرانسىيە ئاممىسى مۇنازىرە نۇقتىسىدا مۇنازىرىلەشسە بولىدىكەن، يەنە مەخسۇس تور بېكەتلىرىدە پىكىر بايان قىلسىمۇ بولىدىكەن. مەملىكەتلىك مۇنازىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە فرانسىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ رايونلار يەنە چەك تارتىپ پۇقرالارنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىدىكەن، يىغىن ئېچىپ مۇنازىرە كۆز قارىشى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

  ماكرون يېقىندا: مەن 4-ئايدا مەملىكەتلىك مۇنازىرىدىن ھاسىل بولغان خۇلاسە ئاساسىدا ھەل قىلغۇچ تەدبىر چىقىرىمەن، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر