باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېقىندا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

2018.11.16 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ( خاماس ) قاتارلىق گۇرۇھلار مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى، مىسىرنىڭ كېلىشتۈرۈشى ئارقىسىدا ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 11 - كۈنى باشلانغان ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشىدا ئېغىر يارىلىنىش ۋە قازا قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى .

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى يېقىندا تۇيۇقسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىسرائىلىيە تەرەپ قەستەن خاماسنى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئاگاھلاندۇردى . ئەگەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالمايدىغان بولسا ، توقۇنۇش يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ، بۇ ئۇزاق مۇددەت توختاپ قالغان پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە ئېغىر تەھدىت يەتكۈزىدۇ.

  مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدە،ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قىسىمى غەززە رايونىنىڭ خان يۇنىسدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە،خاماسقا تەۋە قوراللىق گۇرۇھ كاسسان بىرىگادىسىنىڭ خان يۇنىسدىكى قوماندانى نۇر باراكانى ئېتىپ تاشلىدى. پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن سوقۇشۇش جەريانىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئوفىتسېرىنى ئېتىپ تاشلىدى ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يەنە بىر ئوفىتسېرىنى يارىلاندۇردى. ئىسرائىلىيە قورۇقلۇق قىسىملىرى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسى ئارقىسىدا چېكىنىش جەريانىدا پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 6 نەپەر خادىمىنى ئېتىپ تاشلىدى .

  خاماس بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە چېگرىدىن ئۆتۈپ غەززە رايونىغا كېرىپ پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنى ئېتىپ تاشلىدى، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىپ باقمىغان ئىش . ئىسرائىلىيەنىڭ ھەيۋىسىگە زەربە بېرىش ، باراكا ئۈچۈن ئىنتىقام ئىلىش ئۈچۈن ، خاماس ۋە پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى قولغا قورال ئېلىپ ، غەززە رايونىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىماسلىقىنى قوغدىشى كېرەك.

  ئىسرائىلىيە قوزغىغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، پەلەستىن قوزغىغان بىر قېتىملىق پارتلىتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، پەلەستىنلىك بىر قوراللىق خادىم پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى قۇراشتۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا تاسادىپىي يۈز بەرگەن پارتلاشتا قازا قىلغان. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەلكىم بۇ قېتىمقى پارتلاشتا ئىسرائىلىيە پەلەستىن ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن.

  غەززەدىكى ئەقسا داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلىمى پىروفېسسورى مۇھەممەد مۇنداق دېدى : تارىختىن قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى باھالىغاندىن كېيىن ، كۆپ ھاللاردا ئاۋۋال قول سېلىپ ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىدۇ .

  ئەمەلىيەتتە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئىلگىرى ئېنىق ھالدا ، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ، غەززە رايونىدىن كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ يوشۇرۇن تەھدىتنى تۈگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

  2007- يىلى خاماس غەززە رايونىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ، ئىسرائىلىيە ئۇنى ئېغىر تەھدىت دەپ قاراپ، غەززە رايونىنى ھازىرغىچە قاتتىق قامال قىلدى . قامال قىلىش غەززە رايونىدا بۇ يىل ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، يېقىندا بىر ئاز ياخشىلىنىش بولدى . 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئىسرائىلىيە قاتارنىڭ خاماس ھۆكۈمىتىنى تەمىنلەشكە قوشۇلغان 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى غەززە رايونىغا يېتىپ كەلدى ، بۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىغا ئىشلىتىلدى.

  غەززە رايونىدىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قېتىم قۇرۇقلۇققا تۇيۇقسىزلا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىشى، خاماسنى مەبلەغنى ھەربىي نىشانلارغا ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

  مۇشۇ ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن باشلاپ ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قوراللىق توقۇنۇشى كەسكىنلەشتى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىنى داۋاملىق بومباردىمان قىلىپ زەربە بېرىپ ، خاماس بىلەن پەلەستىن ئىسلام غازاتچىلار تەشكىلاتى ( جىھادنىڭ ) 150 نەچچە نىشانىغا زەربە بەردى. پەلەستىننىڭ قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيەگە كۆپلىگەن راكېتامىيۇت ۋە مىناميوت قويۇپ بېرىپ، جەنۇبىي قىسىمدىكى شەھەر ئاشكالوندىكى بىر ئوينى پارتلىتىپ ، بىر كىشىنىڭ قازا قىلىشى ، ئىككى كىشىنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ غەززە رايونىدىكى باياناتچىسى مۇخبىرغا ، شۇ كۈنى يېرىم كېچىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا پەلەستىنلىك14 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ، نەچچە ئون كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى .

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى پەلەستىن - ئىسرائىلىيە قوراللىق توقۇنۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ ، 2014 - يىلى ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا كەڭ كۆلەمدە « تىغ قوغداش ھەرىكىتى » قوزغىغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ توقۇنۇشى ئەڭ كەسكىن بولغان بىر قېتىملىق ۋەقە بولۇپ ھېسابلاندى .

  غەززە رايونىدىكى سىياسىي تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بۇ قېتىملىق توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسى بىردىنلا مۆلچەرىمىزدىن ئېشىپ كەتتى ، مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ ۋەزىيەتنى تىرىشىپ تىزگىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، لېكىن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ .

  خاماس، قاتارلىق پەلەستىندىكى قوراللىق كۈچلەر مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ ، ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ، لېكىن شەرتى ، ئىسرائىلىيە تەرەپ ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن . شۇ كۈنى، خاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەھبىرى خانىيە بايانات ئېلان قىلىپ ، ئەگەر ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى توختاتسا ، خاماسنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىشقا تەييارلىق كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

  ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى مۇشۇ ئاينىڭ 13 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى شۇ كۈنى يىغىن ئېچىپ جەنۇبى قىسىم رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى، ھەمدە ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا غەززە رايونىغا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قېتىمقى توقۇنۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياراشتۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى ، شۇنداقلا پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى ، تىنچلىق ئىستىقبالى بارغانسېرى قاراڭغۇلاشتى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەرگىچە، ئىككى تەرەپ يېڭى ھەربىي ھەرىكەت قوللانمىدى. ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق ئۇرۇش توختىتىش توختاتماسلىقىنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ .

  غەززە رايونى داشۆسىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق پىروفېسسورى ئەبۇ سەيدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى كەسكىن سۆزلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش غەرىزى يوق ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇزۇنغا سوزۇلغان توقۇنۇش ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر