- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ
2018.11.16 15:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە بىر بىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىش ئاساسىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
كېرمېل سارىيى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر باياناتقا قارىغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى سىنگاپوردا رۇسىيە ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: رۇسىيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلماقتا، ئىككى تەرەپ سانائەت، يۇقىرى پەن تېخنىكا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلاشتى، رۇسىيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق يول خەرىتىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلەشمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر