باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېڭى قوماندانى كورېيە-چاۋشيەن ئورتاق گارنىزونىنى زىيارەت قىلدى

2018.11.15 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېڭى قوماندانى روبېرت ئابرامىس 11-ئاينىڭ 11-كۈنى پانمۇنجوم كورېيە-چاۋشيەن ئورتاق گارنىزون رايونىغا كىرىپ، كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ «<پانمۇنجوم خىتابنامىسى>نىڭ ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ئىجرا كېلىشىمى»نى داۋاملىق ئادا قىلىشىنى قوللايدۇ دېدى.

  ئابرامىس مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ۋىنسېنت بىرۇكىسنىڭ ئورنىغا كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى شۇنداقلا قوشۇمچە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى»نىڭ قوماندانلىقى ھەم كورېيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى.

  ئۇ 11-ئاينىڭ 11-كۈنى كورېيە بىرلەشمە ئىشتابىنىڭ باشلىقى پاك خانجى بىلەن بىرلىكتە پانمۇنجوم ئورتاق گارنىزون رايونىغا باردى. بىرامىس مەن بۇ قېتىم كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چاۋشيەننىڭ «19-سېنتەبىر ھەربىي كېلىشىمى»نى داۋاملىق ئادا قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن زىيارەتتە بولدۇم دېدى.

  كورېيە بىلەن چاۋشيەن رەھبەرلىرى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى پىيوڭياڭدا ئۇچراشقان مەزگىلدە، كورېيە-ئامېرىكا ئارمىيەلىرى «<پانمۇنجوم خىتابنامىسى>نىڭ ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ئىجرا كېلىشىمى»، يەنى «19-سېنتەبىر ھەربىي كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، بۇنى «سېنتەبىر پىيوڭياڭ ئورتاق خىتابنامىسى»نىڭ قوشۇمچە كېلىشىمى قىلدى.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ماھىيەتلىك تەدبىر قوللىنىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى ئۇرۇش تەھدىتىنى تۈگىتىپ، قورالسىز رايون ئىچىدىكى ھەربىي دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بېرىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى «مەڭگۈلۈك تىنچ رايون» قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

  كېلىشىمدە يەنە ئورتاق گارنىزون رايونىنى قورالسىزلاندۇرۇش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئورتاق گارنىزون رايونى خەرىتىدە يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، چاۋشيەن ئۇرۇشى ھەربىي ئۇرۇش توختىتىش كومىتېتىنىڭ يىغىن مەيدانى قاتارلىق ئىمارەتلەر مەركەز قىلىنغان، دائىرىسى تەخمىنەن 800 مېتىر كېلىدۇ، يېرىم ئارال ھەربىي چېگرا سىزىقى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. گارنىزون رايونىنىڭ كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلغا بولغان ئارىلىقى ماشىنا بىلەن ماڭغاندا تەخمىنەن بىر سائەت كېلىدۇ.

  كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى كورېيە-چاۋشيەن ھەربىي تارماقلىرى بىلەن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى»نىڭ پانمۇنجوم ئورتاق گارنىزون رايونىدىن قورال-ياراغ، ئوق-دورا قاتارلىق قورال-جابدۇقلار ھەم قاراۋۇلخانا، ھەربىيلەرنى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  كورېيە تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىپ، بۇ-پانمۇنجوم ئورتاق گارنىزون رايونىنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېدى.

  بىرامىسنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان پەيتى-دەل كورېيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ راسخوت سۆھبىتىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا توغرا كەلدى. كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كورېيە بىلەن ئامېرىكا 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھاۋايدا 9-نۆۋەتلىك ھەربىي راسخوت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، تۆت كۈنلۈك سۆھبەتتە كېلىشىم تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ دېدى.

  ئامېرىكا 1953-يىلىدىن بۇيان كورېيەدە قوشۇن تۇرغۇزۇپ كەلگەن، ھازىر كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىدە تەخمىنەن 28 مىڭ 500 ئادەم بار، كورېيە 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن تارتىپ تۇرۇشلۇق ئارمىيەنىڭ راسخوتىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن. كورېيە بىلەن ئامېرىكا 1991-يىلىدىن تارتىپ، كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ راسخوتىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توققۇز كېلىشىم ئىمزالىغان، 9-كېلىشىمنىڭ مۆھلىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا توشىدۇ. ئىككى تەرەپ ھەربىي راسخوتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشنىڭ 10-كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، 2019-يىللىق راسخوتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتىنى بېكىتىش ئۈستىدە سۆھبەتلەشمەكتە.

  كورېيە ئەسلىدە 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكا بىلەن پۈتۈشۈپ، كونا كېلىشىمنىڭ ۋاقتى توشقاندا دەرھال كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنىڭ يېڭى كېلىشىمنى تەستىقلىشى ھەم باشقا جەريانلارغا يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىنقى سەككىز نۆۋەتلىك سۆھبىتى نەتىجىسىز بولغاچقا، كورېيە بىلەن ئامېرىكا يېڭى كېلىشىمنى يىل ئىچىدە كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ دەپ بىردەك قارىغان.

  كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشى بويىچە، كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۆھبەتتىكى ئىختىلاپى ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ كورېيە راسخوتنى كۆپ ئۈستىگە ئالسۇن دېگەنگە مەركەزلىشىپ قالغان. كورېيەدىكى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولغان ئەركىن كورېيە پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جېڭ جىنشى ئالدىنقى ئايدا، ئامېرىكا تەلەپ قىلغان راسخوت بۇ يىلقى 960 مىليارد كورېيە ۋونى، يەنى تەخمىنەن بەش مىليارد 910 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بىر تىرىليون 500 مىليارد كورېيە ۋونى، يەنى تەخمىنەن توققۇز مىليارد 240 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش كۆلىمى %50 تىن يۇقىرى بولدى دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر