- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداشقا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشى مۇمكىن
2018.11.15 14:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
1918-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن گېرمانىيە ۋەكىلى پارىژنىڭ شىمالىدىكى كونپىگېن ئورمانلىقىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، تۆت يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان 1-دۇنيا ئۇرۇشى بۇنىڭ بىلەن رەسمىي ئاياغلاشقان. 100 يىلدىن كېيىنكى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى فىرانسىيە زۇڭلىسى ماكرون پارىژدىكى چامپىس-ئېلىس چوڭ كوچىسى ۋە زەپەر دەرۋازىسىدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن قاتارلىق خەلقئارادىكى70گە يېقىن سىياسىيون قازا قىلغانلارنى بىرلىكتە ياد ئەتتى.
1-دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ ۋاقىتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەتكە غايەت زور زىيان ئېلىپ كەلگەن، خەلقئارا جەمئىيەتكىمۇ نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز ساۋاقلارنى قالدۇرغان. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە نارودنىكلىق، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىلىك باش كۆتۈرۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئالاھىدە تارىخى ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. فىرانسىيەنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىگنال چىقىرىشى يەر شارىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكىنى قوغداش، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشى مۇمكىن.
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 11-ئاينىڭ 11-كۈنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى بىر يۈرۈش مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. ماكرون 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ستراسبۇرگتا گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستەيىلمىل بىلەن بىرلىكتە خاتىرىلەش پائالىيىتىنى باشلىدى، ئارقىدىن 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە شەرقتىن غەربكە قاراپ فىرانسىيەدىكى ئاساسلىق ئۇرۇش خارابىلىرىنى زىيارەت قىلدى، 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تىرسسا مېىي بىلەن بىرلىكتە سوم دەرياسى ئۇرۇشىدا قازا قىلغان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە تەزىيە بىلدۈردى، 11-ئاينىڭ 10-كۈنى گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كونپىگېن ئورمانلىقىدا يۈز يىل ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان پويىز ۋاگونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
ماكرون 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يەنە پارىژ تىنچلىق مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مېركېل، پۇتىن، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتىرىس قاتارلىق مېھمانلار بۇنىڭغا قاتناشتى. تۇنجى نۆۋەتلىك پارىژ تىنچلىق مۇنبىرى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يەرشارىنى تەرتىپكە سېلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تورنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق قارالمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يۈز يىلدىن كېيىنكى دۇنيا يەر شارىلاشتۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىق، تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، ئەسەبىيلىك ۋە يەكلەش كەيپىياتى ئەۋجىگە چىقتى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيونلىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇغۇلغان، ياشلار ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان، تارىخقا بولغان تونۇشى بىر ئاز مۈجمەل. بۈگۈنكى دۇنيادا قايتا ئويلىنىش، تەڭپۇڭلۇق ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى تېخىمۇ تەكىتلەپ، يەر شارىلاشتۇرۇشنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
ماكىرۇن خاتىرىلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە زۆرۈر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. ماكىرۇن كومپىگېندا مۇراسىمغا قاتناشقان ئاممىغا مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىككى قېتىملىق چوڭ ئۇرۇشتىن كېيىن 73 يىل تىنچ بولدى، بۇ تارىختا بولۇپ باقمىغان، بۇ بىزنىڭ ھەر قانداق بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇنۇشلىرىغا يول قويمىغانلىقىمىز، دۇنياۋى خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالىغانلىقىمىزدىن بولدى.
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماكرۇن 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سۆزىدە يەر شارىدا كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداش ۋە كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا تەكىتلىگەن. جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تۇنجى نۆۋەتلىك پارىژ تىنچلىق مۇنبىرى- يەر شارى تەۋەسىدە باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك خاھىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەدبىر بولۇپ، دۇنياغا خەلقئارا سىستېمىنىڭ كۆپ مەنبەلىكىنى نامايەن قىلىپ، قائىدە ئاساس قىلىنغان، ئىچىۋېتىلگەن، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەدىرلەيدىغان دۇنيا بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
فىرانسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى فىلىپ دىفارى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گەرچە ھەر قايسى دۆلەتلەر 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ساۋاق ئالغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك گۇمان قوزغاۋاتقان، خەلقئارا تەرتىپتىكى داۋالغۇش داۋاملىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھازىر ناھايىتى ئاجىزلىماقتا.
ماكرون بۇنىڭدىن ئاۋۋال ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان مىللەتچىلىك «ۋىرۇسقا ئوخشاش» پۈتكۈل ياۋروپادا تېز سۈرئەتتە يامرىماقتا. سىياسەت ئىلمىي دوكتورى باسدىئان نىۋى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نارودنىكلىق ۋە ياۋروپا رايونچىلىقى، ئەنئەنىۋى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشنى قايتىدىن قوزغاش ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنىڭ خەتىرى، ياۋروپانىڭ گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئالدىدا ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلار باشتىن-ئاخىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.
ياۋروپانىڭ كۈچىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشقا ئىرادە باغلىغان ماكرونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، گېرمانىيەنىڭ ياردىمى كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، ماكرون مېركېل بىلەن بىرلىكتە كومپىگېن ئورمانچىلىقىدىكى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۈز يىللىقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ تىنچ يارىشىشىنىڭ تىنچلىقنى قوغداشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلىدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ 1945-يىلدىن بۇيان، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە باشلىقلىرىنىڭ 1-دۇنيا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان جايدا تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشىكەن.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا جەمئىيەتكە تارىخى ساۋاقنى قوبۇل قىلىش، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇش ئۇچۇرى يەتكۈزدى، بۇ دۇنيانى تەرتىپكە سېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۇنيانىڭ مەڭگۈ تىنچلىقىنى قوغداشقا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر