باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن يەتتە تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2018.11.15 14:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز خەۋىرىمىز. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن يەتتە تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى. بۇ يەتتە تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە:

  1. خوتەن شەھىرىنىڭ تۇساللا يېزىسى يېڭىباغ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى شاۋكەت مەمتىمىننىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق راسخوتىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. 2016- يىلى 4- ئايدا، شاۋكەت مەمتىمىن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، يېمەكلىك ماتېرىيالىنى تەمىنلىگۈچى سودىگەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 1389.8 كىلوگىرام قوي گۆشى، 147 كىلوگىرام كالا گۆشىنى كۆپەيتىپ ساختا مەلۇم قىلغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق راسخوتىدىن 73 مىڭ 200 يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان ھەم ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، شاۋكەت مەمتىمىندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ساقلانغان. 2018- يىلى 8- ئايدا، شاۋكەت مەمتىمىنگە پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى ھەم ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى.

  2. شىخو شەھىرى بەيچۈەن بازارلىق ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى چېن زىفېڭنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە گۇۋاھلىق بېرىش ھەققى ھەق ئۆلچىمىنى ۋە ئوبيېكتىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى. 2011- يىلى 4- ئايدىن 2016- يىلى 12- ئايغىچە، چېن زىفېڭ ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە گۇۋاھلىق بېرىش ھەققىنى كەنت ئاھالىلىرى ئۈستىگە ئېلىشقا ئۆزگەرتكەن، ھەربىر ئائىلىدىن ئېلىنىدىغان 120 يۈەن ھەق ئۆلچىمىنى 240 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، گۇۋاھلىق بېرىش ھەققىدىن جەمئىي 48 مىڭ 700 يۈەن ئېلىپ، ئەدلىيە ئورنىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت چىقىملىرىغا ئىشلەتكەن. 2018- يىلى 9- ئايدا، چېن زىفېڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  3. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3- ئوتتۇرا مەكتەپ پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى تويانىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچىلاردىن ھەربىي مەشىق ھەققى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە تويا بايىنغولىن ئوبلاستلىق موڭغۇل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان مەزگىلدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن ھەربىي مەشىققە ئالاقىدار ھەقتىن 114 مىڭ 200 يۈەن ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا تولۇقلىما قىلىپ تارقىتىشقا ئىشلەتكەن، ئۆزى 3200 يۈەننى ئېلىۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تويادا يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان. 2018- يىلى 7- ئايدا توياغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى. ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى.

  4. يەكەن ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى تۇرسۇنجان مەمەتنىڭ تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىدە، تەلەپ قىلىش، پۇل- مال قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013- يىلى 7- ئايدا، تۇرسۇنجان مەمەت تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئائىلىلەرگە كىرىپ قايتا ئېنىقلاشقا مەسئۇل بولۇش خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مەھەللىنىڭ خەلق ئىشلىرى خادىمى بىلەن تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىدىن جەمئىي 6150 يۈەن پۇل- مال قوبۇل قىلغان؛ باشقىلاردىن 3800 يۈەن پۇل- مالنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرسۇنجان مەمەتتە يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان. 2018- يىلى 9- ئايدا تۇرسۇنجان مەمەتكە پارتىيەدە قالدۇرۇپ بىر يىل سىناش، ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلدى. ئىنتىزامغا خىلاپ پۇل- مال قايتۇرۇۋېلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلدى.

  5. ئالتاي شەھىرى چىرىكچى يېزىلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە خادىمى ئېبىرئاي رەخمىدۇللانىڭ ئىنەك باقمىچىلىق سۇغۇرتا پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش مەسىلىسى. 2017- يىلى 4- ئايدا ئېبىرئاي رەخمىدۇللا بۇ يېزىنىڭ ئاقچى كەنتىدىكى بەش كەنت ئائىلىسىنىڭ ئىنەك باقمىچىلىق سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 1480 يۈەن سۇغۇرتا پۇلىنى ئۆز ئالدىغا تۇتۇپ قېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. 2018- يىلى 3- ئايدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەش ئىنىكى ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ سۇغۇرتا پۇلىنى تولۇق تاپشۇرمىغاچقا سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2018- يىلى 9- ئايدا، ئېبىرئاي رەخمىدۇللاغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  6. گۇچۇڭ ناھىيەسى جېبىكى بازىرى شاڭپوزا كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، 9- تەۋەلىك رايونى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجسى شۈ شېڭجۇنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش مەسىلىسى. 2018- يىلى 2- ئايدا، شۈ شېڭجۇ شۇ كەنتنىڭ 2018- يىلى بىرىنچى پەسىللىك كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى تارقاتقاندا، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە گۇ xكە تارقىتىپ بېرىشكە تېگىشلىك 1500 يۈەن تۆۋەن كاپالەت پۇلىدىن 1060 يۈەننى ئۆز ئالدىغا تۇتۇپ قېلىپ، شەخسىي چىقىمىغا ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن. 2018- يىلى 9- ئايدا، شۈ شېڭجۇغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. تۇتۇپ قالغان تۆۋەن كاپالەت پۇلى قايتۇرۇۋېلىندى ھەم گۇ xكە قايتۇرۇپ بېرىلدى.

  7. مايتاغ رايونى شىنىڭ يولى كوچا باشقارمىسى 10- مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى لۇ خۇيزېنىڭ بىنا باشلىقى تولۇقلىما پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش مەسىلىسى. 2013- يىلى 4- ئايدىن 2018- يىلى 2- ئايغىچە، لۇ خۇيزې شىنىڭ يولى كوچا باشقارمىسى 10- مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەزگىلىدە، بۇ مەھەللىدىكى بىر قىسىم بىنا باشلىقلىرىنىڭ 7800 يۈەن تولۇقلىما پۇلىنى تۇتۇپ قېلىپ، مەھەللىنىڭ ھەرتۈرلۈك خىزمەت چىقىمىغا يۆتكەپ ئىشلەتكەن. 2018- يىلى 9- ئايدا، لۇ خۇيزېغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. تۇتۇپ قالغان تولۇقلىما پۇل قايتۇرۇۋېلىندى ھەم بىنا باشلىقلىرىغا تارقىتىپ بېرىلدى.

  يۇقىرىقى يەتتە تىپىك دېلودا ھەم تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش، ھەم خىيانەت قىلىش، ئىگىلىۋېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بار، بۇ مەسىلىلەر ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن بولۇپ، چوقۇم قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، كۈچلۈك ھەيۋە شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئەلرايى ئەڭ زور سىياسىي. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى زورايتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە ئۇزارتىپ، بېسىم يەتكۈزۈشنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق- كېمەيتمەسلىك، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يوچۇق قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت 1- مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا قوللىنىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، قانداق مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە «قارا قول»ىنى سوزۇشقا پېتىنغانلارغا قەتئىي يۈز- خاتىر قىلماسلىقى، يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش، ساختا مەلۇم قىلىپ كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئېلىۋېلىش، مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىش، خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش مەسىلىلىرىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، جازالاش- ئىبرەت قىلىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلىشى كېرەك. «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان پارتكوملار، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت بولغان ئىكەن سۈرۈشتۈرۈش، سۈرۈشتۈرگەندىمۇ قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر