باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىشنى ئۈمىد قىلدى

2018.11.15 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11-ئاينىڭ 11-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژدا ئامېرىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن سۆزلىشىشنى ئۈمىد قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى ئۆزئارا كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىش مەيدانىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كىرېمىل سارىيى تور بېكىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى پارىژدا 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا شۇ يەردىكى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا «ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇشۇ كېلىشىم مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆزلەشمەكچى، رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن بۇ شەرتنامە ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك سۆھبەتلىشىشنى، جۈملىدىن بىر قەدەر مۇھىم بولغان ئىككى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ سۆزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  پۇتىن رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە يېقىندا ئايرىم-ئايرىم ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى، بىراق بىز ئامال بار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدىغان رايونلاردا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشتىن ساقلاندۇق، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا جىمجىت ئىنكاس قايتۇردۇق. رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىشنى، بۇ خىل سۆزلىشىشنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  پۇتىن يېقىندىن بۇيانقى ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى شىراك ۋە ھازىرقى زۇڭتۇڭى ماكرون ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلغان، ياۋروپا رايونىدا قۇدرەتلىك ئىقتىساد ئىتتىپاقى تەشكىلاتى قۇرۇلدى، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقى ساھەسىدە كۈنسېرى مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى ھەقلىق. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، رۇسىيە فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىنىڭ يۇقىرىقى مەيدانىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

  «ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»نىڭ تولۇق نامى «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تۈگىتىش شەرتنامىسى» بولۇپ، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 1987-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىمزالىغان. شەرتنامىدە ئىككى دۆلەت مۇساپىسى 500 كىلومېتىردىن 5500 كىلومېتىرغىچە بولغان قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە بولسا، ئىشلەپچىقارسا ياكى سىناق قىلسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. تىرامپ 10-ئاينىڭ 20-كۈنى رۇسىيە شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلدى ھەمدە شەرتنامە ئامېرىكىنىڭ يېڭى قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىنى چەكلەپ قويدى دېگەننى باھانە قىلىپ، بۇ شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر