- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خاماس مەمۇرىي كومىتېتنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2017.09.19 13:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەدىكى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان مەمۇرىي كومىتېتنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقى ھەمدە پەلەستىننىڭ چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. باياناتتا خاماس يەنە پەلەستىن تىنچ يارىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەنى باشقۇرۇش مەمۇرىي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، 2011-يىلىدىكى خاماس بىلەن پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فاتاخ) قاھىرەدە ئىمزالىغان يارىشىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قوشۇلدى. سىياسىي تەھلىلچىلەر: پەلەستىندىكى ئىككى چوڭ سىياسىي گۇرۇھ ناۋادا تىنچ يارىشىش كېلىشىمىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلالىسا، ئون يىلغا سوزۇلغان پەلەستىننىڭ سىياسىي بۆلۈنۈشىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن ئۈمىد بار دەپ ھېسابلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر