- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پەلەستىن ھۆكۈمىتى: غەززەگە بېرىپ مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۆتەشكە تەييارلىنىۋاتىمىز
2017.09.19 13:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) تۈنۈگۈن غەززەنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان مەمۇرىي كومىتېتنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، پەلەستىن ھۆكۈمىتى غەززەگە بېرىپ بارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى يۈسۈف مۇھەممەد شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ: خاماسنىڭ قارارى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ بېسىلغان بىر قەدەم دېدى. يۈسۈف مۇنداق دېدى: ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ بىر يۈرۈش ئومۇميۈزلۈك پىلانى بار بولۇپ، ئۆزىنىڭ غەززەدىكى بۇرچىنى ئادا قىلالايدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت 2011-يىلى قاھىرەدە ئىمزالانغان تىنچ يارىشىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خاماس ھۆكۈمەتكە بارلىق تارماقلار ۋە پورتلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر