- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى: ئامېرىكا كۇبادىكى باش ئەلچىخانىسىنى تاقاش ياكى تاقىماسلىقنى ئويلاشماقتا
2017.09.19 13:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تېللېرسون تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى نۇرغۇن دىپلوماتلىرىنىڭ تەن سالامەتلىكىدە بىنورماللىق كۆرۈلگەنلىكتىن، ئامېرىكا كۇبادىكى باش ئەلچىخانىسىنى تاقاش ياكى تاقىماسلىقنى ئويلىشىۋاتىدۇ. تېللېرسون شۇ كۈنى ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا سالامەتلىكىدە بىنورماللىق كۆرۈلگەن قىسمەن دىپلوماتلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ داۋالاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋال، ئامېرىكا ھازىر ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى باش ئەلچىخانىسىنى تاقاش ياكى تاقىماسلىقنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بۇندىن بۇرۇن ئاز دېگەندىمۇ 21 دىپلوماتىنىڭ تەن سالامەتلىكىدە بىنورماللىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر