- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەنگلىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەھدىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى
2017.09.19 13:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ئانبېر لاد تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئەنگلىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەھدىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى بولغان «كىرىزىس»دەرىجىسىدىن ئىككىنچى دەرىجە بولغان «ئېغىر» دەرىجىسىگە تۆۋەنلەتتى. ئەنگلىيە ساقچى دائىرىلىرى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ساقچىلار 16-سېنتەبىر كەچتە لوندوننىڭ غەربىدە 22 ياشلىق بىر ئەرنى تۇتتى. بۇ 15-سېنتەبىر لوندوندا مېترو پارتلىتىش دېلوسى يۈز بەرگەندىن بۇيان قولغا ئېلىنغان ئىككىنچى گۇماندار. بۇندىن بۇرۇن ساقچىلار 16-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئەنگلىيەنىڭ شەرقىدىكى دوۋېر پورتىدا لوندوندىكى مېترو پارتلىتىش دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 18 ياشلىق ئەرنى تۇتتى. لوندوننىڭ غەربىدىكى بىر مېترو بېكىتىدە 15-سېنتەبىر پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 30 ئادەم يارىلاندى. ئەنگلىيە ساقچى دائىرىلىرى ئارقىدىن بۇنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ جاكارلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر