- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى: شارائىت يار بەرسە ئامېرىكا «پارىژ كېلىشىمى»دە قېپ قالىدۇ
2017.09.19 13:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تېللېرسون 17-سېنتەبىر: شارائىت يار بەرسە، ئامېرىكا «پارىژ كېلىشىمى»دە قېپ قالىدۇ دېدى. تېللېرسون شۇ كۈنى ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ناۋادا دۆلىتىمىزگە «ئادىل ۋە ھەققانىي» شەرت تۈزۈپ چىقىرىلسا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ «پارىژ كېلىشىمى»دىكى ھەمكارلىق شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. تېللېرسون مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە، ترامپ بۇندىن بۇرۇن مۇۋاپىق شارائىت تېپىلسا ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىدا داۋاملىق ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر