باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىقتىساد سودىسى ئون چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشى كېرەك

2017.09.11 09:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. يېقىندا جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئۇزۇن مۇددەت تەتقىق قىلغان ياپونىيە مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە ئۇنىۋېرسال سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت باج نازارىتى باج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاناكا «جۇڭگو-ياپونىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر» مۇھاكىمە يىغىنىدا، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىقتىساد-سودىسى ئون چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشى كېرەك، دېدى.

  بۇ ئون چوڭ ساھە تۆۋەندىكىلەر: بايلىق، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت ھەمكارلىقى؛ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئېلىپ كەلگەن يۇقىرى تەننەرخلىق جەمئىيەتكە تاقابىل تۇرۇش؛ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش، داۋالاش، تېببىي دورىلارنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىش؛ ياشانغانلار جەمئىيىتى، نوپۇسنىڭ ئازىيىشىغا تاقابىل تۇرۇش؛ سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش؛ تۇرالغۇ سىياسىتى؛ مالىيە ئىسلاھاتى؛ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش؛ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ساھەسى ھەمكارلىقى؛ پۇل مۇئامىلە خەتىرىدىن ساقلىنىش.

  تاناكا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسى شەرقىي ئاسىيا ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە، ياپونىيەنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكىلەر 2011-يىلى 4-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، خەلق ئاممىسى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە دۆلەتتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن ئەسكەرتكەن. دوكلاتتا بۇ ئۈچ تۇر ئاستىدا 19 ساھە، 34 ئوتتۇرا تىپتىكى تۈر، شۇنداقلا 185 كىچىك تېما تەسىس قىلىنغان.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلار تېببىي ئىلىم، بىيولوگىيە ۋە پىسخولوگىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇتەخەسسىس ئالىملار ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ بىرلىكتە قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. تاناكا مۇنداق دېدى: ئەگەر مۇمكىن بولسا، بىز جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىپ، ئاندىن بۇ ئورتاق تەتقىقات نەتىجىسىنى شەرقىي ئاسىيا جەمئىيىتىگە بېرىشنى ناھايىتى ئۈمىد قىلىمىز.

  تاناكا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئورگىنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى زۆرۈر.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياپونىيە ئىقتىسادىي يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشقان دەسلەپكى مەزگىلدىلا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. 1949-يىلى قۇرۇلغان ياپونىيە خەلق پۇل مۇئامىلە ئاممىۋىي خەزىنىسى ۋە 1953-يىلى تەسىس قىلىنغان ياپونىيە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار پۇل مۇئامىلە ئاممىۋىي خەزىنىسى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: پەقەت ئەل ئارىسىدىكى مەبلەغ بانكىسىغا تايىنىپلا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ناھايىتى قىيىن. يېتەرسىزلىكنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس مۇشۇ ساھەگە قارىتىلغان سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئورگىنى قۇرۇش ناھايىتى زۆرۈر. ئۇ مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ بۇ ساھەدە يېتەرلىك تەجرىبىسى بار. مەن جۇڭگو بىلەن ياپونىيە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى تېزدىن ھەل قىلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.

  تاناكا يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ئارتۇق ئىشلەپچىقىش ئىقتىدارىنى ئازايتىپ، مۇردا كارخانىلارنى بىكار قىلىش. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، بولۇپمۇ 1979-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق نېفىت كىرىزىسىدىن كېيىن، ياپونىيە ئىقتىسادى ئىنتايىن قاتتىق بولغان قۇرۇلمىنى تەڭشەش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى.

  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە قاتناش-سودا كەسپىي ۋازارىتى 1983-يىلى «ئالاھىدە بېكىتىلگەن كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ۋاقىتلىق چارىسى قانۇنى»نى تۈزۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە زۆرۈر بولغان ئېلېكتىر پىچ، ئاليۇمىن، خىمىيەلىك تالا، خىمىيەۋى ئوغۇت، بىرىكمە مېتال، قەغەز ۋە نېفىت خىمىيەنى ئالاھىدە كەسىپ قىلىپ بېكىتىپ، ئۇلاردىن ئەسلىھەلىرىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 1978-يىلى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يۇمىلاق تەڭشەش ۋاقىتلىق چارىسى قانۇنى»نى تۈزۈپ، ئالاھىدە كەسىپلەر شۇنداقلا ئالاھىدە بېكىتىلگەن رايوندىكى قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىشكە تولۇقلىما بەردى. 1995-يىلى يەنە «ئالاھىدە بېكىتىلگەن ساھە خادىملىرىنىڭ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ۋاقىتلىق چارىسى قانۇنى»نى تۈزۈپ، يەككە كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا پۇل مۇئامىلە ياردىمى بەردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى سىياسەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىرىمۇ، مەغلۇپ بولغانلىرىمۇ بار. ئەمما ياپونىيەنىڭ بۇ تەجرىبە ساۋاقلىرى جۇڭگونىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو تۇرالغۇ ئۆي ئىسكىلات زاپىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۆي بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا پىشاڭسىزلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە، ياپونىيە ئىقتىسادىدىكى كۆپۈك يېرىلغاندىن كېيىنكى تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ.

  تاناكا ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ياپونىيە ئۈچۈن، زور سودا پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ شەرقىي ئاسىيانىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر