باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە تېررورلۇق تەھدىت دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى «ئەڭ جىددىي» دەرىجىگە كۆتۈردى

2017.05.24 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرېسا مېي 23-ماي كەچ ئەنگلىيە دۇچ كەلگەن تېررورلۇق تەھدىت دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە «ئەڭ جىددىي»گە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  بۇ ئەنگلىيەنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىخەتەرلىك ئېھتىيات سەۋىيەسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈشى. ئەنگلىيەنىڭ تېررورلۇق تەھدىت دەرىجىسى بەش دەرىجىگە ئايرىلغان، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ئەڭ جىددىي»، «ئېغىر»، «كۆرۈنەرلىك»، «ئوتتۇرھال»، «يېنىك» دەرىجىگە ئايرىلغان. «ئەڭ جىددىي»دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يەنە يۈز بېرىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  22-ماي كەچ، ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 22 كىشى قازا قىلدى، 59 كىشى يارىلاندى، بۇ لوندون «7-ئىيۇل» پارتلىتىش دېلوسىدىن كېيىن، ئەنگلىيەدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئەڭ ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى.

  مانچېستېر ساقچى دائىرىلىرى پارتلىتىش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى گۇماندارىنىڭ سالمان ئابېدى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، مەزكۇر گۇماندار مانچېستېردا تۇغۇلغان، بۇ يىل 22 ياش، ئىلگىرى مانچېستېردىكى سالفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئالاقىدار ئۇچۇرغا قارىغاندا، گۇماندارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر لىۋىيەلىك بولۇپ، قوشنىلىرى بۇ ئائىلىلىكنىڭ ھەر يىل مەلۇم بىر ۋاقىتتا لىۋىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئاسىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر