باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدە مەنئى قىلىنغان دورا بىلەن مۇناسىۋىتى بار تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ دۆلەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى چەكلىنىدىكەن ياكى ئۆمۈرۋايەت مەنئى قىلىنىدىكەن

2017.05.24 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە جەمئىيىتى روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش مۇستەقىل كومىتېتىنىڭ رەئىسى سىمىرنوۋ 23- ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روھلاندۇرۇش دورىسى مەسىلىسى سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشى مەنئى قىلىنغان رۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان دۆلەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى چەكلىنىدۇ ياكى ئۆمۈرۋايەت مەنئى قىلىنىدۇ.

  رۇسىيە جەمئىيىتى روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش مۇستەقىل كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى، سىمىرنوۋ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رىياسەتچىلىك قىلغان زۇڭتۇڭ تەنتەربىيە ۋە ھەرىكەت تەرەققىيات كومىتېتى يىغىنىدا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدىكى دۆلەت لايىھەسىنى ئېلان قىلغان. سىمىرنوۋ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: روھلاندۇرۇش دورىسى ئىچىش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كەسپىي ھاياتىغا تەسىر يېتىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىنكى كەسىپلىرى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا نىسبەتەنمۇ تەسىرى بولىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: روھلاندۇرۇش دورىسى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشىشى مەنئى قىلىنغان بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئالاقىدار ھۆكۈمەت ياكى غەيرىي ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى چەكلىنىدۇ ياكى ئۆمۈرۋايەت مەنئى قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر