ترامپنىڭ باياناتچىسى: رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا ئىسپات يوق
2017.01.04 13:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان ترامپنىڭ باياناتچىسى 2-يانۋار مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ تور ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ 2016-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا ئائىت ئىسپات يوق.
ئۇ مۇنداق دېدى: ترامپ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ تور ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ سايلىمىغا تەسىر كۆرسەتكەن كۆرسەتمىگەنلىكىگە ئائىت دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇ، تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى يەكۈن چىقىرىش مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر