باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان تۆت تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2017.01.04 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان تۆت تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىدىن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە پاك-تەلەپچان بولۇش، مەدەنىيەتلىك، ساغلام، پاك، ئىناق بايرام كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان «ئىككى بايرام» ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان تۆت تىپىك مەسىلە:

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى شىمالىي جۇڭگو مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ سابىق چارلىغۇچىسى ۋاڭ گەنجياڭنىڭ ۋەزىپىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات پۇلنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لى چاڭيۇنىڭ ۋەزىپىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خەن لىجۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسى. جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق باش كاتىپى شۈ لۇبىننىڭ ۋەزىپىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتكە تەكلىپ قىلىشنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر