باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش مەخسۇس ئېيى پائالىيىتىنى يولغا قويدى

2017.01.04 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن رايون تەۋەسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش مەخسۇس ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 20- يانۋارغىچە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئاساسى قاتلام، مەھەللە كومىتېتى ۋە كارخانىلارغا يەتكۈزدى؛ ئۆزگىچە كەسىپ يېتەكچىلىكى ۋە قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان كەسپىي تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلىدى. ھەر خىل ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار خادىملارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم قىلىپ، بىرمۇ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  3- يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مەخسۇس پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى نازارىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ۋە مېيىپلار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىلەن مېيىپلار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئىلگىرى سۈرگەن.

  ياردەم بېرىش ئوبېكتى يېشى چوڭىيىپ قالغان ئىشسىز خادىملار، بىرمۇ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بارلار دېگەندەك ھەر خىل ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار خادىملار؛ مېيىپلىقنى تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشسىز خادىملار؛ كۆمۈر، پولات قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ قېلىشىنى ھەل قىلىدىغان كارخانا خادىملىرى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىشتىن توختىغان كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر؛ يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ قېلىشىنى ھەل قىلىدىغان كارخانا خادىملىرىنىڭ ئورۇنلىشىشى ۋە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى نۇقتىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر