باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

برازىلىيەلىك ئەر يىل ئاتلاش يىغىلىشىدا 12 ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كىيىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۋالدى

2017.01.04 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى كېچىدە، برازىلىيە سان پاۋلو شىتاتىدىكى كامپىناس شەھىرىدە بىر ئەر يىل ئاتلاش ئائىلە يىغىلىشى ئۆتكۈزىۋاتقان بىر ئۆيگە بۆسۈپ كىرىپ، كىشىلەر توپىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. نەتىجىدە بۇ ئەرنىڭ ئالدىنقى ئايالى ۋە ئوغلى قوشۇلۇپ جەمئىي 12 ئادەم ئۆلۈپ، ئۈچ ئادەم يارىلانغان. ئىشتىن كىيىن بۇ ئەر ئوق چىقىرىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.

  رېيتېر ئاگېنىتلىقىنىڭ سان پاۋلو شىتاتىدىكى ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ ئەرنىڭ ئىسمى رامىس دىئارو بولۇپ، بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن، تەجرىبىخانا تېخنىك خادىمى ئىكەن.

  رامىس دىئارو ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن، بۇرۇنقى ئايالىغا نارازى بولۇپ كەلگەن. 12- ئاينىڭ 31- كۈنى كېچىدە، رامىس دىئارو كامپىناس شەھىرىدىكى بىر ئولتۇراق ئۆيگە كىلىپ، ھويلىدىكى رېشاتكىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئۆيگە بۆسۈپ كىرگەن، ھەمدە يىل ئاتلاش ئائىلە يىغىلىشى ئۆتكۈزىۋاتقان كىشىلەر توپىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئوغلى نەق مەيداندا ئۆلگەن.

  برازىلىيەدە بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە زەھەر يۆتكەش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلار كۆپ يۈز بېرىدىغان بولسىمۇ، لىكىن چوڭ كۆلەمدىكى ئوق چىقىرىش دېلوسى كۆپ كۆرۈلمەيدىكەن. تەكشۈرگۈچى خادىملار رامىس دىئارو ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۆينىڭ سىرتىدا توختىتىپ قويغان ماشىنىسىدىن يانفون ۋە ئۈنئالغۇ قاتارلىق بۇيۇملارنى بايقىغان بولۇپ، خادىملار بۇ دېلونى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەھلىل يۈرگۈزىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر