باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسىغا سوت ئېچىلدى، باش پېرسۇناژ پاك گېئۇن ھاي سوتقا قاتنىشىشنى رەت قىلدى

2017.01.04 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. كورىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 3-يانۋار چۈشتىن كېيىن زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسى بويىچە 1-مەيدان سوت مۇناسىرىسى ئۆتكۈزۈپ، زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسىنى قاراپ چىقىش تەرتىپىنى رەسمىي باشلىدى، بىراق دېلونىڭ باش پېرسۇناژى زۇڭتۇڭ پاك گېئۇن ھاي سوتقا قاتناشمىدى.

  ئاساسىي قانۇن سوتى پاك گېئۇن ھاينىڭ 5-يانۋاردىكى 2-مەيدان سوت مۇنازىرىسىگە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى، بىراق پاك گېئۇن ھاينىڭ بىر ئادۋۇكاتى مۇنداق دېدى: پاك گېئون ھاي ئەيىبلەش دېلوسىنى قاراپ چىقىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قاتناشماسلىقى مۇمكىن.

  ئاساسىي قانۇن سوتىنىڭ توققۇز سودىيەسى شۇ كۈنىدىكى سوت مۇنازىرىسىگە قاتناشتى. سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى پۇھانچې دېلونى قاراپ چىقىشتىن بۇرۇن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن سوتى بۇ دېلونىڭ كورىيە ئاساسىي قانۇن تەرتىپىدىكى چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى بىلىپ، دۆلەت رەھبىرىنى ئەيىبلەش دېلوسىنىڭ ماقۇللىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان تەسىرىنى تونۇغاچقا، بۇ دېلونى قانۇن بويىچە ئادىل، قاتتىق قاراپ چىقىدۇ.

  پاك گېئۇن ھاي قاتناشمىغاچقا، مۇنازىرە توققۇز مىنۇت داۋاملىشىپلا ئاخىرلاشتى. ئاساسىي قانۇن سوتى مۇنداق قارىدى: قانۇن بويىچە، پاك گېئۇن ھاينى سوتقا قاتنىشىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. پاك گېئۇن ھاي 5-يانۋار سوتقا قاتنىشىشنى داۋاملىق رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ دېلو داۋاملىق قاراپ چىقىلىپ، ئۇنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋۇكاتى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۇنازىرىگە قاتنىشىدۇ.

  پاك گېئۇن ھاينىڭ ئادۋۇكاتى لى جېڭخۇەن مۇنداق دېدى: پاك گېئۇن ھاينىڭ 5-يانۋاردىكى سوتتا قاراپ چىقىشىقا قاتنىشىش نىيىتى يوق، ئۇ پۈتكۈل ئەيىبلەش دېلوسىنىڭ سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىغا قاتناشماسلىقى مۇمكىن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر