باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىىنستىرلىقى جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەئىس دۆلەتلىكىنى ئۆتەش مەزگىلىدە تۆت چوڭ خىزمەتنى ئىشلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2017.01.04 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3-يانۋار مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىلدى.

  سوئال: ئىگىلىشىمىزچە جۇڭگو 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەئىس دۆلەتلىكىنى رەسمىي ئۆتكۈزىۋالغان. جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مەزگىلىدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

  جاۋاب: جۇڭگو 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلەتلىكىنى رەسمىي ئۆتكۈزىۋالدى ھەم 9-ئايدا، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى 9-قېتىملىق يىغىنىنى ئاچىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 1-ئاينىڭ 1-كۈنى باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىگە خەت ئەۋەتىپ، 2017-يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «جۇڭگو يىلى» سەھىپىسىنى ئاچقانلىقى، جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەئىس دۆلەتلىك خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كېسسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مەزگىلىدە، جۇڭگو باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن بىللە، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتىش» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئۆتكەن 10 يىللىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تەجرىبىلىرىنى ئەسلەپ ۋە يەكۈنلەپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئارزۇسىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق پىلانلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تۆۋەندىكىدەك تۆت چوڭ نۇقتىلىق خىزمەتنى ئىشلەيمىز: بىرىنچىدىن، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا بىلەن مەبلەغ سېلىشنى زور دەرىجىدە بىرلەشتۈرۈش، پۇل ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ چوڭ ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى زور دەرىجىدە بىرلەشتۈرۈش ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز. ئىككىنچىدىن، خەلقئارا ۋە رايونلارنىڭ زور مەسىلىلىرىدە ماس ھەرىكەتكە كېلىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا خاراكتېرلىك خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرىمىز. ئۈچىنچىدىن، ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى كۈچەپ يارىتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىمىز. تۆتىنچىدىن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» نى ئۈزلۈكسىز زورايتىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر