باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ئېنېرگىيەلىك كوچا ئاپتوبۇسىدىن 150ى ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2017.01.04 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- يانۋاردىن باشلاپ، «كۆركەم» ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس قىياپىتىنى كۆرسىتىش بىلەن، نۇرغۇنلىغان خەلقنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئادەتتىكى كوچا ئاپتوبۇسىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ ئىچى تېخىمۇ ئازادە، ئورۇندۇقى تېخىمۇ راھەت، شاۋقۇن ئاۋازى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، مۇھىتنى تېخىمۇ ئاسرايدىكەن.

  تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك بۇ 150 كوچا ئاپتوبۇسى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئارقا-ئارقىدىن شەھىرىمىزگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ 157- يول، 44- يول، 36- يول، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش 1- يولى ۋە 921- يول قاتارلىق لىنىيەلەردە ئارقا-ئارقىدىن قاتناشقا باشلىدى. يېڭى ماشىنىنىڭ يولغا چىقىشى بىلەن بىرگە، قاتناش مۇددىتى سەككىز يىلدىن ئاشقان كوچا ئاپتوبۇسى بىراك قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015- يىلى شەھىرىمىز تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەمدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك كوچا ئاپتوبۇسىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ 150 كوچا ئاپتوبۇسىنى ھېسابقا ئالغاندا، شەھىرىمىزدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ سانى 314كە يېتىدىكەن. قاتناش تارماقلىرىنىڭ پىلانى بويىچە، شەھىرىمىز بەش يىل ئىچىدە 500 يېڭى ئېنېرگىيەلىك كوچا ئاپتوبۇسى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا 125 توك قاچىلىغۇچ سەپلەپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك كوچا ئاپتوبۇسىنى كېڭەيتىپ قوللانغان ئۈلگىلىك شەھەر قۇرۇپ چىقماقچى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر