باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا ئالاھىدىلىككە ئىگە كىچىك شەھەر-بازاردىن 100ى قۇرۇلىدۇ

2017.01.04 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر شىشىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىلى جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا ئالاھىدىلىككە ئىگە كىچىك شەھەر-بازاردىن 100ى قۇرىلىدىكەن.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا ئالاھىدىلىككە ئىگە شەھەر-بازاردىن 100نى قۇرۇش ۋە يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرتكىلىك رول بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە شەھەر-بازارلار تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىكى سىتىراتېگىيىلىك تەدبىردۇر. شۇڭا بىر تۇتاش ۋە تۈجۈپىلىك پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ مەدەنىيەت تۈسىنى، تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ھەمدە كەسىپ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا، كەسىپنىڭ تايانچىلىق رولىغا، كەسىپ ۋە شەھەرنىڭ بىرلىشىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز شارائىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ ئالاھىدە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر