باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپنىڭ خەلقئارا كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسى %5دىن تۆۋەن بولدى

2017.01.04 13:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا گەيروپ شىركىتى 2-يانۋار ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان ترامپنىڭ خەلقئارا كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا بولغان ئىشەنچىسى كامىل بولغانلار %46 نى ئىگىلەپ، %50 دىن تۆۋەن بولغان.

  تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، باشقا جەھەتلەردە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ترامپغا بولغان ئىشەنچىسى كامىل بولۇپ، %60 كىشى ئۇنىڭ پارلامېنت بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، %59 كىشى ئۇ ئىقتىسادى ساھەدە بىر ئاز نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى مۇمكىن دەپ قارىغان، %55 كىشى ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆز زېمىنى ۋە چەتئەللەردىكى مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدۇ دەپ دەپ قارىغان، %53 كىشى ئاق ساراينى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشى مۇمكىن دەپ ھېسابلىغان.

  بۇ تەكشۈرۈشكە ئامېرىكىلىق 1 مىڭ 28 كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى بارلىق 58 ئىشتات ۋە پايتەخت ۋاشىنگتوننىڭ كولومبىيە ئالاھىدە رايونىنى قاپلىغان.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر