باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسسىيە ئىچكى قوغدىنىش ھەربىي قىسمى دۆلەت گۋاردىيەسىگە ئۆزگەرتىلىدۇ

2016.09.21 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسسىيە زوڭتوڭى پۇتىن 20- سېنتەبىر، بۇ يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ روسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى 163 مىڭ كىشىلىك ئىچكى قوغدىنىش ھەربىي قىسمىنى دۆلەت گۋاردىيەسىگە ئۆزگەرتىش پەرمانى ئېلان قىلدى.

  رۇسسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەركىزى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق ئورگانلارنى تەڭشەشتە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى ئالاھىدە قوشۇن، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قوشۇنى، ھۆكۈمەتسىز ئورگانلارنىڭ قوغداش خادىملىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى قوغدىغۇچىلار شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەت گۋاردىيە قوشۇنى سىستېمىسىغا قوشۇۋېتىلىدىكەن. دۆلەت گۋاردىيە قوشۇنى يەنە ئەسلىدە ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىقىغا تەۋە نازارەت قىلىش قوراللىرى ئوبوروتى ۋە خۇسۇسىي قوغدىنىش قاتارلىق فۇنكىسسىيەلەرگە ئىگە بولىدىكەن.

  بۇ يىل 4- ئاينىڭ 5- كۈنى، پۇتىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قوغدىنىش ھەربىي قىسمى ئاساسىدا دۆلەت گۋاردىيە قوشۇنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەربىي قوشۇننىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، رۇسسىيە زېمىنىنى مۇداپىيە قىلىش قاتارلىق فۇنكىسسىيەسى بارلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەسلىدىكى ئىچكى قوغدىنىش ھەربىي قىسمىنىڭ باش قوماندانى زولوتوف دۆلەت گۋاردىيە قوشۇنىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، بىۋاستە پۇتىنغا مەسئۇل بولىدىغان بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، رۇسسىيە دۆلەت گۋاردىيە قوشۇنىنىڭ ئادەم سانى 340 مىڭغا يېتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر