خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 71-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، شۇ جاي ۋاقتى 18-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، نىيۇيورك كېنىدى خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمغا يېتىپ كەلدى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ خانىمى چېڭ خۇڭ بىرگە كەلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىنىگە 45 يىل بولدى. جۇڭگو ب د ت نىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ پائال قوللىغۇچىسى بولۇپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغداپ، ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىگە قاتناشتى. جۇڭگو يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جيېيى، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي، نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جاڭ چىيۆ قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى