باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى 325 دېلونى ئاشكارىلىدى

2016.09.19 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى شىجى ناھىيەسى سۇباۋ يېزىسى جاڭ پيې كەنتى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى خې يەنچىڭ 2010- يىلدىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆزى ۋە ئۈچ ئوغلىغا تۆۋەن كاپالەت كۆرسەتكۈچىدىن سەككىزنى بىجىرىۋالغانلىقتىن، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

  بۇ پەقەت مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئاشكارىلىغان نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى بىر تىپىك چىرىكلىشىش دېلوسى بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار ھەممە جايلاردا كۆپلەپ يۈز بەرگەن.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگو ئىنتىزام تەكشۈرۈش-تەپتىش ژورناللىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سىتاتېستىكا قىلىش سانلىق مەلۇماتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى گەۋدىلىك بولغان 325 مەسىلىنى ئاشكارىلىغان.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ 325 تىپىك دېلو ئىچىدە، «كەنت كادىرلىرى» ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئاساسلىق توپ بولۇپ قالغان.

  ۋەقەگە چېتىشلىق سۇبيېكتلاردىن قارىغاندا، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئىچىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كەنت گۇرۇپپا باشلىقلىرىمۇ بار ئىكەن، ناھىيە باشقارما دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 218 دېلو «كەنت كادىرلىرى»نىڭ چىرىكلىشىشىگە ئائىت بولۇپ، %67نى ئىگىلەيدىكەن؛ 61 دېلو يېزا-بازار كادىرلىرىغا چېتىشلىق بولۇپ، %19نى ئىگىلەيدىكەن؛ 30 دېلو ناھىيە-رايون كادىرلىرىغا چېتىشلىق بولۇپ، %9نى ئىگىلەيدىكەن.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىدە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار بولسا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە مەبلەغ بايلىقى قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى "يەتكۈزۈش پونكىتى"، ھەمدە ئاممىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يۇقىرىغا يەتكۈزىدىغان "بىرىنچى ئۆتكەل" بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇھىملىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، چۈنكى، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ ئورۇننىڭ كادىرلار نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە قاتناشقاندا ئىشقا سالىدىغان نۇرغۇنلىغان يوشۇرۇن تەسىر كۈچى بار. شۇڭا، ئەگەر بۇ ئورۇندا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۇلار چىرىكلىشىشكە يۈزلەنسە، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاستە زىيان سالىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر