خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «18-سېنتەبىر» ۋەقەسىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، «18-سېنتەبىر» ۋەقەسىنى ئۇنۇتماسلىق داڭ ئۇرۇش مۇراسىمى 18-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ «18-سېنتەبىر» تارىخىي مۇزېيى ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتى تىنچلىقنى سۆيىدىغان مىللەت، شۇنداقلا تىنچلىقنى قوغداشقا جۈرئەت قىلىدىغان مىللەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى جاپانى يېڭىپ چىققان، تىنچلىق، تەرەققىياتنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىدۇ. تارىخنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇ، كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى