باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنخۇا ئوبزورى: ئۇنتۇشقا بولمايدىغان ئاگاھ

2016.09.18 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل «18- سېنتەبىر ۋەقەسى» پارتلىغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى. 85 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق «18- سېنتەبىر» ھېلىھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدىكى بىر جاراھەت بولۇپ، بۇ تىنچلىق يىللىرىدا كىشىلەرگە ئۇنتۇشقا بولمايدىغانلىقنى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتماقتا.

  قەلبكە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن تارىخنى مەڭگۈ ئۇنتۇشقا بولمايدۇ. «18- سېنتەبىر» دۆلەتنىڭ بېشىغا ئاپەت كېلىش باشلانغان كۈن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەڭ قىيىن پەيتكە كەلگەن ۋاقىت. 1931- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى «18- سېنتەبىر ۋەقەسى»نى قوزغاپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى 14 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشىنى باشلىغان. قانچىلىغان كىشىلەر قازا قىلغان، قانچىلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولغان، دۆلىتىمىزنىڭ تاغ-دەريالىرى خاراپ بولغان. ئاشۇ تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىنىڭ پاكىتلىرى پولاتتەك.

  ھەرقانداق بىر قېتىملىق زور تارىخىي ئاپەت تارىخنىڭ ئىلگىرىلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. چەتئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش يالقۇنلىرى ئىچىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشنى تاماملاپ، ياپونغا قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلاپ چىقتى، 35 مىليون ئارمىيە-خەلقنىڭ تالاپىتى بىلەن فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى كۈتىۋېلىپ، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك تارىخىي نۇقتىدا دەس تۇردى.

  ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ، تارىخنى ئۆزگەرتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ئاق دېگەن ئاق، تۈمەن قېتىم تەكرارلىسىمۇ قارىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئەمەس، يالغانچىلىق بىلەن ئۇنى-بۇنى دەپ بېقىش ئاقمايدۇ؛ ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش پەقەتلا ئۆزىنى ئالداپ، كىشىلەرنى ئۈمىتسىزلەندۈرىدۇ. ئىلگىرىكى زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقنى پەردازلاپ يۈرمەي، تارىخ ۋە كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن تارىخىي مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تارىختىن ساۋاق ئېلىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئەمەلىيىتى بىلەن دۇنيانىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تارىخنى خاتېرىلىشىمىز ئاداۋەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس. زور ئاپەت-قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۈگۈنكى تىنچلىق ۋە باياشاتلىق ئۈچۈن مىسلىسىز ئازاپ چەكتى ۋە قۇربانلىقلارنى بەردى، شۇڭلاشقا تىنچلىقنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ. تارىخ بىزگە شۇنى ئېيتىدۇكى، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئاسراش زۆرۈر، پەقەت ھەممە كىشى ئۇرۇشنىڭ ساۋىقىنى ئەستە چىڭ تۇتقاندىلا، قىيىنچىلىق ئىچىدىن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى كۈچنى توپلىغاندىلا، تىنچلىق بىز بىلەن ھەرزامان بىللە بولىدۇ.

  خاتىرجەملىك ئىچىدە كرىزىسنى ئۇنۇتماسلىق، مەۋجۇتلۇق ئىچىدە ھالاكەتنى ئۇنۇتماسلىق، ئامانلىق ئىچىدە قالايمىقانچىلىقنى ئۇنۇتماسلىق، بۇ دەل بىر چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي كۈچ، بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلىنىشىدا بولۇشقا تېگىشلىك ھەققانىيلىقتۇر. «18- سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگىلى 85 يىل بولدى، بىراق «18- سېنتەبىر» مىللەت ئازابىنىڭ تامغىسى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر ئېسىدە قالدى، بۇنى يەنە كېلىپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر. ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 18- كۈنى، شېنياڭ قاتارلىق جايلاردا ياڭرىغان گۈدۈك ئاۋازلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەت نومۇسىنى ئۇنۇتماي، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى لازىملىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ؛ تىنچلىقنىڭ قولغا كەلمىكى ئاسان ئەمەس، تراگېدىيەنى قايتا تەكرارلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ؛ بۇ ھەم ھەققانىيەتنىڭ جەزمەن غەلبە قىلىدىغانلىقىنى، تىنچلىق جەزمەن غەلبە قىلىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ جەزمەن غەلبە قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر