باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاۋۇز چاغىنىدا شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى

2016.09.18 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەنە بىر يىلنىڭ ئاي تولغان كۈنى مىڭلىغان ئائىلىلەر چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ، تاۋۇز چاغىنىدا ئۆيلىرىگە جەم بولغان چاغدا، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنىلا بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئارزۇلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ئاي تولغان بۇ كېچە نۇرغۇن قەلبلەرنىڭ ئارزۇلىرىغا شاھىت بولدى.

  جاڭ خۇا 8-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن غۇلجا ناھىيەسىگە كەلگەن كادىر ئىدى. تاۋۇز چاغىنى ھارپىسىدا، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار ئالاقىلىشىپ بەرگەن جياڭسۇلۇق بىر نەچچە كارخانىچى غۇلجا ناھىيەسىگە كېلىپ مەبلەغ سېلىش ھەققىدە تەكشۈرۈش قىلدى. جاڭ خۇا بىلەن خىزمەتداشلىرى سۆھبەت ھۆججىتىنى تەييارلاپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقا چاغلاردىكىدىنمۇ بەكرەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  بۇ يىل 12-ئايدا جاڭ خۇانىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئۈچ يىللىق مۆھلىتى توشۇپ يۇرتىغا قايتىدۇ. شىنجاڭدا ئىشلىگەن، ياشىغان ئىككى يىل سەككىز ئايدا بۇ ياقا يۇرت ئۇنىڭ ئۆز يۇرتىغا ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن غۇلجىنى ئۆز ئۆيۈمدەك ھېس قىلىمەن، بۇ يەردىن ئايرىلىشنى ئويلىساملا، ئۆز خىزمىتىمنى تېخىمۇ تېرىشىپ ئىشلەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىمەن، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن مەن ۋىجدانىمغا يۈز كەلگەن ھالدا قايتالايمەن، ئەگەر بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز غۇلجا پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تۈرتكە بولالىسا، بىز تېخىمۇ خۇشال بولىمىز، مانا بۇ ئۆيدىكىلىرىمىز بىلەن جەم بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالغۇسى.

  20 ياشتىن ئاشقان جاڭ يەنچۇاڭ بىلەن ئىگىلىك تىكلەش ئۆمىكى بۇ يىل ئىنتايىن ئالدىراش بىر تاۋۇز چاغىنى ئۆتكۈزدى. ئىككى يىل بۇرۇن جۇڭگو تاراتقۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جاڭ يەنچۇاڭ يۇرتى شىنجاڭغا قايتىپ، شىخەنزە شەھىرىدە ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم تاشلىدى، ئۆمەكنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى ئاساسلىقى 3D پىرىنتېر تېخنىكىسىنى قۇياش ئېنېرگىيەسىگە ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق يېڭىچە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ، چىراغ نۇرلۇق ھەيكەل ياساش بولۇپ، شەھەرنىڭ ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشۇشنى مەقسەت قىلاتتى.

  چىراغ نۇرلۇق ھەيكەلنىڭ قېلىپىنى ياساش ئۈچۈن، 1990-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بىر نەچچە ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى بىر ئاي كېچە-كۈندۈز ئىشلىدى، تاۋۇز چاغىنى كۈنى دەل قېلىپ پۈتكەن ئاخىرقى كۈن ئىدى. جاڭ يەنچۇاڭ مۇنداق دېدى: بىز ياسىغان قېلىپقا «مىنۇت-سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك» دەپ ئىسىم قويدۇق، تاۋۇز چاغىنىدا ئۆيدىكىلىرىمىزنىڭ قېشىدا بولالمىغاچقا، كۆڭلىمىز يېرىم بولدى، ئەمما بۇردەرلىرىم ھازىرقى كۈرەش كەلگۈسىدىكى جەم بولۇش ئۈچۈن دېيىشتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر كىچىك كوچىسىدا، توققۇز ياشلىق بالىسى بار ليۇ جياشى مەززىلىك پۇراپ تۇرغان توخۇ قوردىقىنىڭ پۇرىقى ئىچىدە تاۋۇز چاغىنى ئۆتكۈزدى. ئاشخانا ئاچقان ھەم توردا ۋە ئاشخانىنىڭ ئۆزىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ليۇ جياشى بايرامدىن بۇرۇن تۇيۇقسىز شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەززىلىك تائامى بولغان توخۇ قوردىقى بىلەن ئاي توقاچنى بىرلەشتۈرۈش ئويىغا كېلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆپ قېتىم سىناق قىلىپ، ئاخىرىدا توخۇ قوردىقى ئاي توقىچىنى ئېتىپ، شۇ جايدىكى خېرىدارلار ۋە تور ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ليۇ جياشى توردا ۋە ئاشخانىدا تىجارەت قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈنلەي قولدا ئەتكەن مىڭدىن ئارتۇق توخۇ قوردىقى ئاي توقىچى ساتتى، بۇ ئۆزگىچە ئاي توقاچ يەنە يىراقتىكى بېيجىڭ، شاڭخەي، جۇخەي، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغىمۇ يېتىپ باردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر