باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى پاترىشېف بىلەن كۆرۈشتى

2016.09.18 15:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا جۇڭگو رۇسىيە قانۇن ئىجرا بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنى ۋە جۇڭگو رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى پاترىشېف بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندا مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن 20دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۈچىنچى قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇھىم ئورتاق تونۇشقا كەلدۇق، بىز جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى بىلەن ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، مەنپەئەت يۇغۇرۇلمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشۇلدۇق. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە سىرتقى مۇھىتتا قانداق مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ زۆرۈر شۇنداقلا مۇھىم بولۇپ قالدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ،ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  پاترىشېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت زور خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردا يېقىندىن ئالاقە قىلىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم مۇقىملىق ئامىلى بولۇپ قالدى، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن كەڭ ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر