باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن تارماقلار ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمىدىكى ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلەندى

2016.09.18 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇن تارماقلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمىدىكى ئۇچۇر بايلىقىدىن ھەمبەھىرلىنىشى سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆپرەك پايدىلىنىش، ئاممىنى ئاز چاپتۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى، 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى قاتارلىق تارماقلارنى كىملىك ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىدىن 2 مىليارد 400 مىليون ئادەم قېتىم تەمىنلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بەش يىلدىن بېرى تارماقلار ئارا ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىش تېخىمۇ قويۇقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى 240 مىڭ سودا بانكىسىنى 20 مىليارد قېتىم تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  2011-يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق 15 تارماق بىلەن بىرلىكتە ھۆججەت ئىمزالاپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن جەمئىيەت مۇلازىمىتى كەسپىدە ئورنىتىلغان تۈرلۈك ھەقىقىي ئىسىملىك مۇلازىمەت ئۇچۇرىنى ھەمكارلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇچۇر مەنبەيى قىلغان ھەمدە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىنى تورلاشتۇرۇش ۋە سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھىرلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان، نۆۋەتتە مەركەز قاتلىمىدا 24 تارماق بۇ خىزمەتكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر