باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە «قوش تىل» مائارىپى شەھەر، يېزىلارنى قاپلىدى

2016.09.18 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (باي ناھىيەسى سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن قۇربان سايىم) باي ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بويان «قوش تىل» مائارىپىغا بولغان سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن «قوش تىل» مەكتەپلىرىنىڭ ناھىيە، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالدى.

  باي ناھىيەسىدە 2008- يىلى «قوش تىل» مائارىپى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئورۇنلارنىڭ 642 مىليون 118 مىڭ يۈەن مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ، ئۇقۇش-ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر-يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «قوش تىل» مائارىپنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ھازىرغا قەدەر، ناھىيە بويىچە 104 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، 52 بالىلار باغچىسىدا «قوش تىل» ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلۇپ، قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان سىنىپ 871گە يەتتى. بالىلار باغچىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى 9382گە يېتىپ، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ يەسلىدىكى ئىككى يىللىق قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى %98.8گە يەتتى.

  ناھىيە بويىچە 2012- يىلىدىن باشلاپ ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى «قوش تىل» ھەقسىز مائارىپى يولغا قويۇلۇپ، ھەر بىر بالا يىلدا 1000 يۈەن تاماق ياردىمىدىن بەھرىمەن بولدى. يېزىلاردىكى ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى «قوش تىل» ئاممىۋى خىراجەت تولۇقلىمىسى يىلىغا ھەر بىر بالىغا 600 يۈەندىن ئەمەلىيلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر