سۈرەتتە: 12- سېنتەبىر، تېخى يېقىندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان سۇرىيە ھەلەب شەھىرىنىڭ لىللاجامە رايونىدا، سەمىرەھ (سولدىن بىرىنچى كىشى) مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- سېنتەبىر، سۇرىيە يىلدا بىر كېلىدىغان قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى. لېكىن بۇ كۈن ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى سۇرىيە خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا بايرامنى تەبرىكلەشكە كۆڭلى تارتمىغان بىر كۈن بولدى. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يېقىندا ھاسىل قىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شۇ كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بۇ، بەلكىم ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ تىترىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى