باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 201 تۈرلۈك ئۇچۇر تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى كېمەيتىدۇ

2016.09.18 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج بەلگىلىمىسى كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش تامۇژنا بېجىنى كېمەيتىش جەدۋىلىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى»نىڭ قوشۇمچە جەدۋىلىدە كۆرسىتىلگەن 201 تۈرلۈك ئۇچۇر تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، دۆلەتنىڭ باج نىسبىتى تۇنجى قېتىم كېمەيتىلدى.

  بۇ مەھسۇلاتلار دۆلىتىمىزنىڭ باج بەلگىلىمىسى ئىچىدىكى 480 نەچچە باج نومۇرىغا قارىتىلغان بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد كۆپ ئېلېمېنتلىق توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى، سېزىمچان ئېكران، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، ئۈن-سىن مەھسۇلاتى، داۋالاش ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپپارات پىرىبورلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس قوشۇمچە دېتال ۋە خام ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچە مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى كەلگۈسكى ئۈچ يىل ياكى بەش يىل ئىچىدە نۆلگە چۈشۈرۈلىدۇ، بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجى كەلگۈسى يەتتە يىلدا نۆلگە چۈشۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر