باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2016.09.18 15:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىنتېرنېت قوشۇلغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ زور دەرىجىدە كارخانىلارغا پايدا يەتكۈزۈپ، خەلققە قولايلىق يارىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى؛ قۇراشتۇرما بىناكارلىقنى زور بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىنتېرنېت قوشۇلغان ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش-ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى سەرخىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ئامما چېپىپ يۈرۈشنى ئۇچۇرنى ئىشقا سېلىشقا، كارخانىلار ھەممە جايدىن ئىزدەشتىن تارماقلار ماسلىشىپ بېجىرىشكە ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئومۇمەن توردا بېجىرگىلى بولىدىغان ئىشلاردا، ئاممىدىن چوقۇم نەق مەيدانغا كېلىپ بېجىرىشنى، تور ئارقىلىق ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ماتېرىياللارنى ئاممىدىن تەكرار تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. كارخانىلارنى رويخەتكە ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، سالاھىيىتىنى دەلىللەش، ماركا پاتېنت ھوقۇقى قاتارلىقلار ھەم مائارىپ، داۋالىنىش، نوپۇس، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت تۈرلىرىنى توردا قوبۇل قىلىش، بېجىرىش، جاۋاب بېرىش، قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قىلىپ، پۈتۈن جەرياننى تورلاشتۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر