باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 18-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇرۇن ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش جىنايىتىگە ئالاقىدار ئىسپات ئارخىپىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى

2016.09.18 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ياپونىيەنىڭ 18-سېنتەبىر ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى. يېقىندا لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى ئارخىپخانىسى شېنياڭ ناھىيەلىك مەھكىمىنىڭ 14 توملۇق ئارخىپىنى تۇنجى قېتىم جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى.

  شېنياڭ شەھەرلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماۋ فېڭيۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان شېنياڭ ناھىيەلىك مەھكىمىنىڭ ئارخىپى 1911-يىلىدىن 1932-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلار، بولۇپمۇ ياپون جاھانگىرلىرىنىڭ 18-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇرۇنقى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت، كۆچمەنلەر تاجاۋۇزچىلىقى قاتارلىق جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىي ئارخىپىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئارخىپتىكى خاتىرىلەشلەرگە قارىغاندا، ياپونىيە رۇسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈر يولى لىنىيەسىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماستىن، تۆمۈر يول لىنىيەسى ۋە قىسمەن رايونلاردا قانۇنسىز ساقچى ئاپپاراتى تەسىس قىلغان، ياپونىيە ساقچىلىرى جۇڭگو تەۋەسىدە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ئادەملەرنى تۇتۇپ، جۇڭگولۇقلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇزچىلىق قىلغان.

  نۆۋەتتە، شېنياڭ شەھەرلىك ئارخىپخانا بۇ ئارخىپلارنى سىستېمىلىق رەتلەپ، تولۇق تېكىستى بىلەن سىكاننېرلاشتۇردى. بۇ تۈركۈم ئارخىپلار تولۇق تېكىستى بىلەن شىفىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تۈركۈمگە بۆلۈپ جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر