باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى چاڭچۈندە ئېچىلدى

2016.09.18 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى چاڭچۈندە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىراجىتى ئېھتىياجى پىلانىنى تۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چوڭ ئۆلكىلىرى، غەربىي رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ئېتىبار بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى مەركەز مالىيەسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مەخسۇس تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ قوللاش دائىرىسى ۋە چىقىم مۆلچىرىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداشنى دۆلەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتا مەركەز مالىيەسى تېخىمۇ كۆپرەك چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىمكانقەدەر تولۇق قوغداش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سېلىنمىسى مۇقىم كۆپەيدى. مەركەز مالىيەسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مەخسۇس تولۇقلىما مەبلىغى يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئىككى مىليارد 650 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13تىن توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى. ھازىر مەملىكەت بويىچە 121 ئورۇندىكى ئىنقىلابىي كونا جاي ۋە خاتىرە سارىيى دۆلەت دەرىجىلىك ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە ئەسلىھەلىرى، خارابىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، 142 ئورۇندىكى دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئىنقىلابىي كونا جاي قىزىل ساياھەت نادىر لىنىيەسىگە كىرگۈزۈلدى. 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە قىزىل ساياھەت سەپىرىگە چىققانلار 800 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر