باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەدىكى 100 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانى 65 مىڭدىن ئېشىپ، يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى

داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبى، دېيىلدى

2016.09.14 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-سېنتەبىر، ياپونىيەنىڭ ساناتورىيە كۈنى بولۇپ، سەھىيە ۋە ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ 13-سېنتەبىر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەدىكى 100 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار سانى 65 مىڭ 692گە يېتىپ، يېڭى يۇقىرى تارىخىي سەۋىيەنى ياراتقان ھەمدە ئۇدا 46 يىل ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار سانىنىڭ ئېشىشى توققۇز ئۈلۈشكە يېقىن بولغان. سەھىيە ۋە ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ قارىشىچە، داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى 100 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار سانىنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئىكەن. مەملىكەت بويىچە 100 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر 8167 بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن 327 كىشى ئاشقان؛ ئاياللار سانى 57 مىڭ 525 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 3797 سى ئاشقان.

  ياپونىيەدىكى 100 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار نىسبىتى 100 مىڭدە 51.68 بولۇپ، ھەرقايسى مەمۇرىي رايونلار ئىچىدە خۇنسيۇنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شىمانى ناھىيەسى ھەر 100 مىڭ كىشى ئىچىدىكى 100 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار 96.25 نەپەر بولۇشتەك نىسبەت بىلەن ئۇدا تۆت يىل بىرىنچى بولغان، كوچى ناھىيەسى، توتتورى ناھىيەسى ئايرىم-ئايرىم 87.93 نەپەر ۋە 84.84 نەپەر نىسبەت بىلەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولدى. سەھىيە ۋە ئەمگەك مىنىستىرلىقى 1963- يىلى 100ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار سانىنى تەكشۈرگەندە، پۈتۈن ياپونىيەدە ئاران 153 نەپەر 100 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار بار بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا ئېشىپ بارغان، 1998- يىلى 10مىڭدىن ئاشقان، 2007- يىلى 30 مىڭغا يەتكەن، 2012- يىلى 50 مىڭدىن ئاشقان، بۇلتۇر تۇنجى قېتىم 60 مىڭدىن ئاشقان. 2015- يىلغىچە، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئاياللارنىڭ 87.05 ياش بولغان. ئەرلەرنىڭ 80.79 ياش بولغان. ھازىر ياپونىيەدىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئايال تاجىما نامى بولۇپ، بۇ يىل 116 ياشتا ئىكەن؛ يېشى ئەڭ چوڭ ئەر يوشىدا ماساكو بولۇپ، بۇ يىل 112 ياشتا ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر