باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان شەھىرىدە يېڭىدىن 100 قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلدى

2016.09.18 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يارغۇل كەنتىدىكى قوش تىللىق يەسلى 10-سېنتەبىر ناھايىتى قىزىپ كەتتى، تۇرپان شەھىرىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان قوش تىللىق يۈز يېزا يەسلىسىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ يەسلىدە 2015-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2016-يىلى 9-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئۈچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىمارەت كۆلىمى 1000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، مۇخبىرىمىز يەسلىگە بېرىپ، سىنىپ ۋە مەيدانغا بىرىكمە تېزگىنەك، ئېلېكتىرون پىيانىنو، بالىلار چالغۇلىرى، چوڭ تىپتىكى ئويۇن ئەسلىھەلىرى، كومپيۇتېر، نۇسخائالغۇ قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇق سەپلەنگەنلىكىنى كۆردى.

  ئوقۇشىمىزچە، 2014-يىلىدىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىدە ئۇدا ئۈچ يىل ھەر يىلى 30 دىن ئارتۇق قوش تىللىق يەسلى قۇرۇش سۈرئىتى بويىچە، پۈتۈن شەھەردە يەسلى مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. 2016-يىلى 9-ئايغىچە، ئۈچ يىلدا جەمئىي 212 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 100 قوش تىللىق يەسلى سېلىنغان.

  ھازىرغىچە، تۇرپان شەھىرى بويىچە 193 قوش تىللىق يەسلى، بۇ يەسلىلەردە 956 سىنىپ بار، ئەڭ كۆپ بولغاندا 33 مىڭ بالا سىغىدۇ، شەھەر بويىچە ئۈچ يىللىق يەسلىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى % 87 تىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلاردا ئوقۇشتىن ئاۋۋالقى ئۈچ يىلدا يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %79.4 كە يەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر