خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت قىسمىنىڭ قۇرۇلۇشى يىغىنى 13-سېنتەبىر «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋۇخەن بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت بازىسى بىلەن ۋۇشى، گۇيلىن، شىنىڭ، شېنياڭ، جېنجۇ بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت مەركىزىگە ئارمىيە بايرىقى بەردى ۋە سۆز قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت قىسمىدىكى بارلىق كوماندىر-جەڭچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئىسلاھاتى، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىشىپ جەڭ قىلىش، بىرلىشىپ مەشىق قىلىش، بىرلىشىپ كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تەلىپى بويىچە قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك، زامانىۋى بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت قىسمى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
قۇرۇلۇش يىغىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دا باشلاندى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رەتلىك تىزىلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئارمىيە بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلغىنىچە ھۆرمەت قەدىمى بىلەن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ھەربىي بايراقنى ۋۇخەن بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت بازىسىنىڭ قوماندانى لى شىشېڭ، سىياسىي كومىسسارى يىڭ جىخۇڭ ۋە ۋۇشى، گۇيلىن، شىنىڭ، شېنياڭ، جېنجۇ بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى، سىياسىي كومىسسارىغا تۇتقۇزدى. ۋۇخەن بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت بازىسى ۋە ھەر قايسى بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت مەركىزىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى كۆتۈرەڭگۈلۈك بىلەن، شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن ھەربىي بايراقنى تاپشۇرۇۋېلىپ ھۆرمەتتە تۇردى. پۈتۈن مەيداندىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ھەربىي بايراققا سالام بەردى.
بايراق تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت بازىسى ۋە بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت مەركىزى قۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەۋقە قىلىپ چىقارغان مۇھىم قارارى، ئارمىيەنىڭ رەھبەرلىك-قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئارمىيىمىزگە خاس زامانىۋى بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت تۈزۈلمىسى ئورنىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى بولۇپ، ئارمىيىمىزنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، ھازىرقى زاماندىكى قىسمەن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى