خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) پوسكام ناھىيەسىدە زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىيات يىلى پائالىيىتىنى مول مەزمۇنلۇق قانات يايدۇرۇش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەزمۇن قىلىنغان 100 كۈنلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ناھىيە تەۋەسىدىكى 16 يېزا -بازاردا قۇرۇلغان ئىشتىن سىرتقى ئەلئىچى سەنئەت ئەترىتىدىكى 300دىن ئارتۇق ئەلنەغمىچىلەر ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ناھىيەلىك خەلق مەيدانى، ناھىيەلىك خەلق تىياتىرخانىسى، ئورمان ساياھەت باغچىسى ھەمدە ھەر قايسى يېزا-بازار ۋە بىرقىسىم چەت-يىراق كەنت، مەھەللىلەردە 300 مەيدان (قېتىم) دىن ئارتۇق مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
سۈرەتتە: 17- سېنتەبىر، ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىن تاللانغان ئەلنەغمىچىلەر ناھىيەلىك خەلق مەيدانىدا ئۆكتەبىر بايرىمىلىق تەييارلىغان نومۇرلارنى رەپىتىس قىلماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى