باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسىنى قانات يايدۇرىدۇ

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ

2016.09.07 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6- سېنتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2017- يىلى 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تۇرپان شەھىرىدىكى توققۇز مەكتەپنى تاللاپ، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى پىلانلىغان.

  كونكرېت يولغا قويۇش جەريانىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئالتاي ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرىدىكى توققۇز مەكتەپنى تاللاپ نۇقتىدا سىناق قىلىپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى بويىچە، ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ، ئايرىم - ئايرىم ياردەم بېرىش سىناق نۇقتىسى مەكتىپىگە ئەۋەتىدۇ ھەمدە مەكتەپ مۇدىرىنى نۇقتىلىق تەربىيەلەش ئوبيېكتى قىلىدۇ. ياردەم بېرىلىدىغان مەكتەپلەر ئاپتونوم رايوننىڭ «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى» بويىچە تەربىيەلەش بازىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. سىناق خىزمىتىگە قاتنىشىپ شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار شۇ جاينىڭ مائارىپ ئەھۋالى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، پەقەت ئاز مىقداردىكى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاساسلىق زېھنىي كۈچىنى تەربىيەلەش بازىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەشكە مەركەزلەشتۈرىدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئەۋەتىش كۆلىمى ۋە قۇرۇلمىسى جەھەتتە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىروفېسسورلىرى ۋە شۇ جايدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش قوشۇنى تەشكىللىنىدۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشنىڭ «ئاجىز ھالقا»سىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مەكتەپتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتە 10 دىن كەم بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر مەكتەپ مۇدىرى ياكى كەسپىي مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، بىر ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىم، قالغانلىرى شۇ جاي جىددىي ئېھتىياجلىق زۆرۈر پەن ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەربىيەلەش ئىقتىدارىغا ئىگە تايانچ ئوقۇتقۇچىلار تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى پىلانلىق، تۈركۈم بويىچە ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەربىيەلىنىشكە تەشكىللىنىدۇ. ئۇلار ئىچىدە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇ جايدىكى مەكتەپ مۇدىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى بىر نۇقتىلىق مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن قوشماق بولۇپ، كۆلەڭگىدەك ئەگىشىپ يۈرۈپ ئىش ئورنىدا تەربىيەلىنىدۇ، تەربىيەلەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى مەكتىپىگە قايتىپ، مەكتەپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، كېينكى بىر تۈركۈم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. باشقا مەكتەپ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرىغا شۇجاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆپ خىل ئەندىزە بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر