باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىللىق ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 24- سېنتەبىر باشلىنىدۇ

2016.09.07 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى «2017- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپرانتلارنى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، كېلەر يىللىق ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا 9- ئاينىڭ 24- كۈنى تىزىملاش باشلىنىدۇ، بۇ يىل 12- ئاينىڭ 24- كۈنى دەسلەپكى ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. كېلەر يىللىق ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىدا ئايرىم ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار ئورۇن، كەسپ ۋە رايون قاتارلىقلار بويىچە ئايرىم ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەسى دائىرىسىنى چەكلەشكە بولمايدۇ، ھەمدە باشقا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى شەرتلەرنى تەسىس قىلىشىغا بولمايدۇ.

  بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كېلەر يىللىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا ئايرىم-ئايرىم ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار ئورۇن، كەسپ، رايون قاتارلىقلار بويىچە ئايرىم ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەسى دائىرىسىنى چەكلەشكە بولمايدۇ، ھەمدە باشقا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى شەرتلەرنى تەسىس قىلىشىغا بولمايدۇ. دۆلەت داۋاملىق 5000 نەپەر «ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن سىتۇدېنت ئەسكەرلەر» مەخسۇس تۈر پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بىراق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 39 مەكتەپ كۆپەيتىلىدۇ.

  ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش توردا تىزىملىتىش ۋە نەقمەيداندا تىزىملىتىش قاتارلىق ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم توردا تىزىملىتىشى ھەمدە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش نۇقتىسىدىكى نەقمەيدانغا بېرىپ توردىكى ئۇچۇرلار، پۇل تاپشۇرۇش ۋە سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك. 9- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 27- كۈنىگىچە ھەر كۈنى سائەت 9دىن 22گىچە توردا ئالدىن تىزىملىتىشقا بولىدۇ، 10- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ھەركۈنى سائەت 9دىن 22گىچە توردا تىزىملىتىلىدۇ، مۇددەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، قايتا تولۇقلاپ تىزىملىتىلمايدۇ، ھەمدە تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. 2017- يىللىق ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھانى يازمىچە ئىمتىھان بولۇپ، بۇ يىل 12- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن ئاشىدىغان ئىمتىھان پەنلىرى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلمىغان ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىنى دۆلەت بىردەك ئېتىراپ قىلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر