خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن تۇرسۇن راخمان خەۋىرى) پوسكام ناھىيەسىدىكى 50 مىڭ ئائىلىلىكتىن كۆپ دېھقان ۋە چارۋا باقمىچىلىقى كەسپىي ئائىلىلىرى ناھىيە بويىچە بىقىلىۋاتقان 410 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋىنى بۇ يىل قىش، كېلەر يىل ئەتىيازدىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 9- ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە 130 مىڭ توننىغا يېقىن ئارىلاشما يەم-خەشەك، بېدە، سامان ۋە سىلوس تەييارلاپ، چارۋىچىلىقنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.
سۈرەتتە: 17- سىنتەبېر، كۈيباغ يېزىسىدىكى دېھقانلار سىلۇس بېسىش ۋە ئوت-چۆپلەرنى پىرېسلاش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى