باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق مەملىكەتلىك چوڭلار ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى 29-،30-ئۆكتەبىر ئېلىنىدۇ

2016.09.07 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق مەملىكەتلىك چوڭلار ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى 29-،30-ئۆكتەبىر ئېلىنىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى 5-سېنتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى مەكتەپلەر ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىنىڭ ئادىللىقى، تەرتىپلىكى، ئاشكارىلىقى، نەتىجىسىنىڭ ئادىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: "بىر ئىمتىھان مەيدانىدا كۆپ خىل ئىمتىھان قەغىزى بولۇش ئەندىزىسى"نى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمتىھان بىخەتەرلىكىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە قارىتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جايلار مائارىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى بىلەن بىرگە تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئىمتىھان بېرىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەرياننى نازارەت قىلىشى، چوڭلار ئالى مەكتىپىنى ساختا تەشۋىق قىلىش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر