خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە سۇپىسى، مۇنبەر پائالىيىتى، كۆرگەزمە سودىىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىن كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەش ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىلگىرىكى مۇھىم رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم سۇپىلىقىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئورنىنى بەلگىلەشنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
6- سېنتەبىر، 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش يىپەك يولى: پۇرسەت ۋە كەلگۈسى» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، مۇنبەر ۋە كۆرگەزمىگە تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى، مۇنبەر ۋە مەخسۇس تېما پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى، كۆرگەزمە ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش-سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى، كۆرگەزمىگە چەت ئەللەردىن قاتناشتۇرۇش ۋە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەييارلىق ئەھۋالى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلدى.
5- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش يىپەك يولى: پۇرسەت ۋە كەلگۈسى» بولۇپ، 20- سېنتەبىردىن 25- سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يەرمەنكىدە خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، ئۈزۈم ھارىقى، قاشتېشى بۇيۇملىرى، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى، ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى، تۇرمۇش ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىق جابدۇقلار، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا نەشرىياتچىلىق يەرمەنكىسى قاتارلىق 41 يەرمەنكە رايونى تەسىس قىلىنىدۇ.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشى دەل «13 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان باشلانغان يىلىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى» بېكىتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى، شۇنداقلا جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ «بەشىنچى» يىلى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى