باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى

2016.09.06 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى 5-سېنتەبىر خاڭجۇ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم يېپىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

  2-، 3-، 4-، 5-باسقۇچلۇق يىغىندا، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە مېھمان دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى دۇنيا ئىقتىسادى، پۇل مۇئامىلىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈزەش، كۈچلۈك خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، سىغدۇرۇشچان ۋە ھەمتۈرتكە شەكىلدىكى تەرەققىيات قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، مۇساپىرلار مەسىلىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، دۇنيا جامائەت ساغلاملىقى قاتارلىق دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00تە يېپىلدى. شى جىنپىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: قىزغىن ۋە مول نەتىجىلىك كېڭىشىش، ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر