باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تو يوۋيوۋ ئۆمىكى كۆك ئەمەن ئۆسۈملۈكى تەركىبىدە يەنە گۆھەر بارلىقىنى بايقىدى

2016.09.06 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇ يوۋيوۋ ئۆمىكى ئەزالىرى، جۇڭگو جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۆك ئەمەن ئۆسۈملۈكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لياۋ فۇلۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا، كۆك ئەمەن ئۆسۈملۈكى تەتقىقاتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، كۆك ئەمەندە كۆك ئەمەن تەركىبىدىن باشقا، يەنە بەزگەككە قارشى باشقا تەركىب بولۇپ، بەزگەكنى داۋالاش يېڭى ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.

  لياۋ فۇلۇڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، تۇ يوۋيوۋ ئۆمىكى كۆك ئەمەن ئۆسۈملۈكىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆك ئەمەن ئۆسۈملۈكى تەركىبىدىكى بەزگەككە قارشى ئاكتىپسىزلاندۇرۇلغان تەبىئىي تەركىبنىڭ كۆك ئەمەن ئۆسۈملۈكىنىڭ تەجرىبىدىكى بەزگەككە قارشى دورا ئۈنۈمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بايقىغان. كۆك ئەمەندىكى كۆپ تەركىبلەر كۆك ئەمەن ئۆسۈملۈكى تېنىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆك ئەمەن ئۆسۈملۈكىنىڭ ئىشلىتىلىش ساھەسىمۇ كېڭىيىپ، بەزگەككە قارشى تۇرۇشتىن سىرت، تۇ يوۋيوۋ ئۆمىكى يەنە كۆك ئەمەن ئۆسۈملۈكى تۈركۈمنىنىڭ خىمىيەلىك بىرىكمىسىنىڭ باشقا كېسەللىكلەرنىمۇ داۋالاش ئۈنۈمىنى تېپىش يولىدا ئىزدەنمەكتە. بۇ يىل، دىھىدرو كۆك ئەمەن ئارقىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسىنى داۋالايدىغان يېڭى دورىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ كىلىنىكىلىق تەتقىقات تەستىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسىنى داۋالاش يېڭى ئېھتىماللىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر